ھاتايدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاتاينىڭ ئىسكەندېرۇن ناھىيەسىدە پ ك ك تېررورىستلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا يارىلانغان بىر ئەسكەر دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

792352
ھاتايدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە مەنبەلىرىدە، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 58 تېررورىستنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىرناكنىڭ كاتو تېغى ۋە ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋاغا مەركەزلەشكەن ئېتىشىشلاردا، تېررورىستلارنىڭ سەككىز پاناھ جايى ۋە ئۆڭكۈرلىرى بىتچىت قىلىنغان، يەتتە ئەسكەر شېھىت بولغان، 12 ئەسكەر يارىلانغان.

سىئىرتتە ئۇجۇقتۇرۇلغان ئۈچ تېررورىستنىڭ بايكان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مەھمەت كوجابەيگە ھۇجۇم قىلغان تېررورىستلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۇنجەلىدە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان ئىككى تېررورىست ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر