بىنالى يىلدىرىم: سۈرىيە ۋە ئىراقتا يېڭى بىر ياسالما دۆلەتنىڭ شەكىلىنىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «چېگرا رايونلىرىمىزدا ياسالما دۆلەت شكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتەك بىرەر ئەھۋال كۆرۈلگەن تەقدىردە، خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىدىمۇ تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشتىن قىلچە ئىككىلىنىپ قالمايمىز» دېدى.

788593
بىنالى يىلدىرىم: سۈرىيە ۋە ئىراقتا يېڭى بىر ياسالما دۆلەتنىڭ شەكىلىنىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سۈرىيە ۋە ئىراقتا يېڭى بىر ياسالما دۆلەت شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا قەتتىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم: «چېگرالىرىمىزدا، بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە ئىراقتا يېڭى بىر ياسالما دۆلەت شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا يول قويىشىمىز ۋە رۇخسەت قىلىشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كېرەكلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. شارائىت مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە قارشى بىرەر پوزىتسىيە كۆرۈلگەن ياكى بىرەر ئەھۋال يۈز بەرگەن تەقدىردە، خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىدىمۇ تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشتىن قىلچە ئىككىلىنىپ قالمايمىز» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم پايتەخت ئەنقەرەدە تۈنۈگۈن جۇمە نامىزىدىن چىقىش ئەسناسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ئۇ رايوندا، ھاتاينىڭ 150 كېلومېتىرلىق سۈرىيە چېگراسىدا كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. مەلۇمكى، ئۇ يەرنىڭ كونتىروللۇقىنى يېقىندىن بۇيان رادىكال گۇرۇپپىلار ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى. يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بىز ھەم ئىنسانىيەتكە خىلاپ تىرادېگىيەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى، ھەم چېگرالىرىمىزدىن دۆلىتىمىزگە قارىتا تەھدىتلەرنىڭ شەكىللەنمەسلىكى ئۈچۈن تەدبىر ئالماقتىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر