ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ تېررورچىلارغا يان بېسىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا پەقەت گېرمانىيەنىڭلا يان بېسىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

785565
ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ تېررورچىلارغا يان بېسىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ئەردوغان، رىزەدە پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا تېررور مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئۆتكەن ئاي گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر لوزۇنكىغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد ۋە ئۆزىنىڭ رەسىمىنىڭ چىقىرىلىپ، «بۇ دېكتاتورلارنى ئۆلتۈرگۈچىلەر مۇنۇ ئاپتوموبىلنى ئالىدۇ» دېگەن خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ لوزۇنكىنىڭ ئەتراپىدا گېرمانىيە ساقچىلىرى بار، (بۇ ئىش) باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا بولىدۇ، گېرمانىيە ساقچىلىرى بۇنى تاماشا قىلىپ تۇرىدۇ. تۈركىيەدە بۇلارنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش بولدى؟ بولمىدى. شۇنچە يىلدىن بۇيان بىزنىڭ 3 مىليون كىشىمىز گېرمانىيەدە، ئۇلارنىڭ قانداق يامانلىقىنى كۆردۈڭلار؟ تېررورچىلارغا پەقەت مۇشۇ گېرمانىيەلا يان باسماقتا» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا بۇنىڭدىن ئىلگىرى 4500 تېررورچىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ئۇنىڭغا 4500 تېررورچىنىڭ ماتېرىيالىنى بەردىم، جاۋاب ئالغىنىمىز يوق. ئۇلار (بىزدە) بىرەر تېررورچى بولۇپ قالسا، <بۇنى بېرىڭلار> (دەيدۇ). سەن تاپشۇرۇپ باق، كۆرۈپ باقايلى. سەندىكى تېررورچىلارنى تاپشۇرمايسەن، بىزدىن تېررورچىلارنى تاپشۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىسەن. سەندە ئەدلىيە بولسا، تۈركىيەدىمۇ ئەدلىيە بار. ئەدلىيە قارارىنى چىقارسا، بىز شۇنىڭغا قاراپ ھەرىكەت قىلىمىز. بىزنىڭ قارىشىمىز بۇ. (ئۇلار) بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر