چاۋۇشئوغلۇ جونسون بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
783728
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جونسوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر قىبرىس، ئىراق ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.