ئالىي ھەربىي شۇرا يېڭى ئارمىيە قوماندانلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈنۈگۈن (2-ئاۋغۇست) ئېچىلغان ئالىي ھەربىي شۇرانىڭ چىقارغان قارارلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

783344
ئالىي ھەربىي شۇرا يېڭى ئارمىيە قوماندانلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئالىي ھەربىي شۇرا چىقارغان قارارلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئىبراھىم كالىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قومانلىق ۋەزىپىسىگە قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانى ياشار گۈلەر، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە ئادنان ئۆزبال، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە ھاسان كىچىكئاكيۈزنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېنېرال، پولكوۋنىكلاردىن مەنسىپىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئۆستۈرىدىغانلار، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلىدىغانلار، ئىشتاتى بەلگىلىنىدىغانلار ۋە پېسىيەگە چىقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقى بىلەن قارار چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 30-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئالتە گېنېرال ۋە پولكوۋنىكنىڭ مەنسىپىنىڭ بىر دەرىجە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى، 61 قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىك مەنسىپىگە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى، 8 دېڭىز ئارمىيە گېنېرال پولكۋونىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ بىر يىل، 159 قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئىككى يىل ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، 30-ئاۋغۇستتىن باشلاپ مەنسەپ ئۆستۈرۈلۈشىنى كۈتۈش ۋاقتىنى توشقۇزغان 28 دېڭىز ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكى بىلەن 107 پولكوۋنىكنىڭ ئىشتات يېتىشمەسلىك، بىر دېڭىز ئارمىيە پولكوۋنىكىنىڭ ياش چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن 1-سېنتەبىردىن باشلاپ پېنسىيەگە چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 30-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى زەكى چولاك، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى رەجەپ بۈلەنت بوستانئوغلۇ، ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئابىدىن ئۈنالنىڭ   ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا قىلغان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر