قاتاردىكى بىر سودا سارايدا ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

سودا سارايغا كەلگەن زىيارەتچىلەر ئەردوغاننىڭ رەسىمى ئۈستىگە مىننەتدارلىقى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ھەر خىل سۆزلەرنى يازدى ۋە ئىمزالىرىنى قويدى.

779877
قاتاردىكى بىر سودا سارايدا ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى يۈزىسىدىن رەخمەت ئېيتىش مەقسىتىدە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى بىر سودا سارايغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چوڭ رەسىمى ئېسىلدى.

ئەردوغاننىڭ كاتتا رەسىمى قاتار خەلقىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.

سودا سارايغا كەلگەن زىيارەتچىلەر ئەردوغاننىڭ رەسىمى ئۈستىگە مىننەتدارلىقى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ھەر خىل سۆزلەرنى يازدى ۋە ئىمزالىرىنى قويدى.

زىيارەتچىلەردىن سەلىم ھاماد رەسىمگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، «بۇ رەسىم قاتار خەلقىنىڭ شەرەپلىك تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بولغان مىنەتدارلىقىنىڭ سېمۋولىدۇر. بۇ رەسىم ئارقىلىق ئۇنىڭغا ۋە تۈركىيە خەلقىگە تەشەككۈرلىرىمىزنى ئېيتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى يازدى. 

مەريەم ئىىسملىك يەنە بىر قاتارلىق ئايال بولسا، «دۆلىتىمىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن تۈنجى كىشى ئەردوغان. تۈركىيە ۋە قاتار بىر - بىرىگە مۇستەھكەم قېرىنداشلىق رىشتىلىرى بىلەن باغلانغان. بىز ئەردوغاننى سۆيىمىز» دېگەن سۆزلەرنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر