«ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىغا قەتئىي قارشىمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەلچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش قارارىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

773271
«ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىغا قەتئىي قارشىمىز»

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش قارارىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەلچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» ئۈستىدە توغرۇلۇق توختىلىپ «بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىز ئۆزگەرمىدى»دېدى.

باياناتچى مۈفتۈئوغلۇ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنىڭ رېفېراندۇم مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتىيەسىنى بۇرمىلايدىغان ئاساسسىز ۋە يالغان خەۋەرلەرنىڭ تارقالغانلىقى توغرۇلۇق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىدىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «مەلۇم شەرتلەر ئورۇندالغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى»دېگەنلىكى توغرۇلۇق «ئاساسسىز ۋە يالغان»قاراشلارغا ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۈفتۈئوغلۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى قوغداش تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ مۇھىم پىرىنسپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈش قارارىغا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە قەتئىي بىلدۈرۈپ كەلدۇق، بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزدە قىلچىمۇ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر