يېشىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار يېشىل رەڭلىك تىزىملىكىدە ئىسمى بار بىر تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

772903
يېشىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، بىتلىستە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىككى تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش گارزان ئۆلكىسى 5 كىشىلىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش ھىزان مەسئۇلى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار يېشىل رەڭلىك تىزىملىكىدە ئىسمى بار بىر تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، بىتلىس قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى ئەسەن مەھەللىسى شەيخ ھەبىب تۆپىلىكى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تېررورچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان، بىر مىلتىق بىلەن 4 دانە AK-47 تىپلىق ئاپتومات قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش گارزان ئۆلكىسى 5 كىشىلىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش ھىزان مەسئۇلى «كىئا كوچەر» تەخەللۇسلۇق ئەلى ئۇلاش بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار يېشىل رەڭلىك تىزىملىكىدە ئىسمى بارلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر