ئەردوغان: مىللىتىم ئۇ خائىنلارغا قولىدىكى بايراق ۋە قەلبىدىكى ئىمان بىلەن قارشى تۇردى

2016 - يىلى 15 – ئىيۇل كېچىسى بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىمۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

771586
ئەردوغان: مىللىتىم ئۇ خائىنلارغا قولىدىكى بايراق ۋە قەلبىدىكى ئىمان بىلەن قارشى تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆتكەن يىلى بومباردىمان قىلىنغان مەجلىسنىڭ ئالدىغا توپلانغان ئون مىڭلارچە كىشىگە خىتاب قىلدى. خىيانەت شايكىسىنىڭ 40 يىللىق پىلانىنى 20 سائەتكە قالماي بۇزۇپ، تارىخىمىزغا يېڭى غەلىبىنى نەقىش قىلىپ ئويدۇق، دېگەن ئەردوغان، «مىللىتىم، ئۇ پەسكەش خائىنلارغا قورال بىلەن ئەمەس، قولىدىكى بايرىقى ۋە قەلبىدىكى ئىمانى بىلەن قارشى تۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خەلقنىڭ «ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن سادالارغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، «پارلامېنتتىن ئۆتۈپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككىلەنمەستىن ماقۇللايمەن. باشقا دۆلەتلەر نېمە دېسە دېسۇن، خۇسۇسەن مەن ئۇنىڭغا قارىمايمەن، مىللىتىم نېمە دېسە، ئۇنىڭغا قارايمەن» دېدى.

جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «جىددىي ھالەت دۈشەنبە (ئەتە) كۈنى مىللىي خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېرىدۇ؛ سۆزلىشىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە قارىتا تەۋسىيە قارارى ئالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر