تۈركىيە، فەتھۇللاھچىلارنىڭ ب د ت دىكى ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قالدى

تۈركىيە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى توسۇپ قالدى.

771632
تۈركىيە، فەتھۇللاھچىلارنىڭ ب د ت دىكى ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، ب د ت  دا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئۇرۇنۇشىنى توسۇپ قالغانلىقلىرىنى، يېڭى ئىلتىماسلارنىڭمۇ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىنىرلىئوغلۇ، «كۈچلۈك تىرىشچانلىقلىرىمىز نەتىجىسىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن ب د ت  دىكى مەسلىھەتچىلىك سالاھىيەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈردۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىلتىماسلارنى سۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق بەزى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ب د ت  غا سوقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى، مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئورگانلارنىڭ ب د ت  بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر