ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان تېررورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن - باسيان رايونىدا چارلىغۇچى ۋاستىلار ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان تېررورچىلار بايقالدى.
771206
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن - باسيان رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 4 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
ئاۋاشىن - باسيان رايونىدا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماقچى ئىكەنلىكى چارلىغۇچى ۋاستىلار ئارقىلىق ئېنىقلانغان تېررورچىلار تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلاندى.
بىر راكىتامىيۇت ھۇجۇم ئىستىھكامىمۇ ئىچىدىكى بارلىق قورال – ياراقلار بىلەن بىرلىكتە پاچاقلاپ تاشلاندى.
ۋەزىپىسنى نەتىجىلىك تاماملىغان ئايروپىلانلار بازىغا سالامەت قايتىپ كەلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىچكى ۋەيرانچىلىقىمۇ داۋاملاشماقتا.
بۇ قېتىم 8 تېررورچى قېچىپ كېلىپ، ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىمىزغا تەسلىم بولدى.