ئەردوغان: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاقىتىمىزنى ئىسراپ قىلدى»

ئەردوغان: «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوچۇق ھالدا تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ بىزگە نىسبەتەنمۇ ئارام بەخىش ئىتىدىغان بىر ئىش بولىدۇ. بىزمۇ ۋە پىلانلىرىمىزنى باشلايمىز» دېدى.

768971
ئەردوغان: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاقىتىمىزنى ئىسراپ قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىققا قوبۇل قىلمايدىغانلىقنى ئېيتسا, تۈركىيە ئارام تېپىپ قالىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق قانىلى «BBC» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇتىغا تايىنىپ ئۆرە تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بىز سۆزىمىزگە سادىق بولۇپ كەلدۇق. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوچۇق ھالدا تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ بىزگە نىسبەتەنمۇ ئارام بەخىش ئىتىدىغان بىر ئىش بولىدۇ. بىزمۇ <ب> ۋە <س> پىلانلىرىمىزنى باشلايمىز» دېدى.

ئەردوغان باش مىنىستىر بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيەگە نىسبەتەن «ساداسىز ئىنقىلابنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەت» دەپ باھا بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىراق، ئەمدىلىكتە بولسا، يەنە شۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا تەكلىپ قىلمايلا قالسماستىن، ھەتتا ۋاقىتىمىزنى بىكار ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەت مانا بۇ» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى سەمىمىيەتتىن خالىي دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان: «شۇنداقتىمۇ بىز مەلۇم مەزگىلگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، بۇنىڭ بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمىز»دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «BBC» قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبىتىنىڭ تولۇق قىسمى 14–ئىيۇلدا تارقىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر