دائېش توغرۇلۇق مەخسۇس كىتاب چىقتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائېش توغرۇلۇق مەخسۇس كىتاب چىقاردى.

768007
دائېش توغرۇلۇق مەخسۇس كىتاب چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرۇلۇق مەخسۇس كىتاب تەييارلاپ چىقتى.

«تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشلىرى»ناملىق بۇ كىتاب ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە تەييارلانغان بولۇپ، كىتابتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلدى.

كىتابتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئازغۇن دىنى چۈشەنچىسى، تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇللىرى، تۈركىيەدە سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنىدۇ.

2013-يىلى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن دائېشنى تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە رەسمىي قوبۇل قىلغان تۈركىيە، بۇ تەشكىلاتقا قارشى كۈرەشلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

دائېش رايوندا كۈچلۈك نوپۇزى  بولغان ۋە تېررورىزىم قىلمىشلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىمۇ پۇرسەت تاپسىلا ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلدى.

دائېشنىڭ تۈركىيەدە جېدەل تېرىشنى مەقسەت قىلىپ سادىر قىلغان تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ھېچقايسىسى غەلبىلىك بولمىدى.

دائېش ھازىرغىچە تۈركىيەدە 14 تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلدى.

ھۇجۇملار نەتىجىسىدە 10ى ساقچى ۋە 1ى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 304 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

62سى ساقچى ۋە 7سى ئەسكەر بولۇپ 1338 كىشى يارىلاندى.

چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دائېشنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ سۈرىيەگە قايتىشى بىلەن رايوندا ئامانلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 216 كۈن داۋاملاشتى.

فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە 71 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2647سى ئۆلۈك بولۇپ جەمئىي 3060 دائېش مىلىتانى بىر تەرەپ قىلىندى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ دائىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولغان 12 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلدى،  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى 2564ئادېرسى تاقىۋېتىلدى.

3840ى چەت ئەللىك بولۇپ جەمئىي 9350 تېررورچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، بۇلاردىن 3069ى قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر