تۈركىيە يەمەنگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتى ئەۋەتىدىغان بولدى.

767014
تۈركىيە يەمەنگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان يەمەنگە، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى بىلەن تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى  بىرلىكتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتى ئەۋەتىدىغان بولدى.

ياردەم پاراخوتى ئەتە ئىسكەندىرون پورتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن يەمەننىڭ ئەدەن پورتىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

مۇراسىمغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قانناقمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

 پاراخوتتا، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان 10 مىڭ توننا ئۇن، سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان 2 چىدىر دوختۇرخانىسى، تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى «TİKA» تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن 100 چاقلىق مېيىپ ھارۋىسى ۋە تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر