تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاككارى چەت رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 1 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

764919
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن كېچە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى قورال ئىستىھكامى بىلەن ئامبار قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بىر ئۆڭكۈرىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ  تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر