تۈركىيە ئارمىيەسى: 60 تېررورچى بىرتەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 60 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

761934
تۈركىيە ئارمىيەسى: 60 تېررورچى بىرتەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەپتىلىك ئاممىنى ۋاقىپلاندۇرۇش باياناتىدا، 22- ئىيۇندىن 29 – ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندا شىرناقنىڭ بەيتۇششەباب، بەستلەر- دەرەلەر، جۇدى تېغى، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ۋە چۇقۇرجا، دىيارباكىرنىڭ لىجە، بىنگۆلنىڭ گەنچ، ئەلازىغنىڭ ئارىجاك ۋە سىئىرتنىڭ پەرۋارى قاتارلىق رايونلىرىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاتالمىش بۇتان ھەرەكول فىرونتىنىڭ مەسئۇلى ئىران پۇقراسى سىنان روجخىلات تەخەللۇسلۇق بەھمان سادىقى (يارىدار) قاتارلىق 60 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تېررورچىلار پايدىلىنىۋاتقان 8 پاناھلىنىش ئورنى، ئۆڭكۈر ۋە ئامبار بىلەن 17 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ يوقىتىپ تاشلاندى، كۆپ مىقداردا قورال ۋە ئوق – دورا، مىڭ كۆك كەندىر ۋە 47600 قاپ ئەتكەس تاماكا قولغا چۈشۈرۈلدى.

چېگرادىكى تەكشۈرۈش ۋە چارلاش خىزمەتلىرى جەريانىدا، چېگرادىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشكە ئۇرۇنغان 4274 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بولسا، 9 ئەسكەر شېھىت بولدى، 8 ئەسكەر يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر