مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا قاتار مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۆز - ئۆزىگە خوجايىن، مۇستەقىل  ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەسىلىسىگە باشقا دۆلەتلەر ئارىلىشىۋالماسلىقى، پەقەتلا ھۆرمەت قىلىشى لازىم» دېدى.

759695
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا قاتار مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا قۇرۇلغان ھەربىي بازىنىڭ تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى بىر كېلىشىمنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ماناۋگات ناھىيەسى باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەتىلىشىش مۇراسىمىدا، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېنىقلىما بەردى. قاتارغا سۇنۇلغان تەلەپلەردىن بىرسىنىڭ تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇشىدا قاتار ۋە تۈركىيە ئۆزئارا بىر كېلىشىم تۈزدى. بۇ مۇستەقىل ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىمزالاشقان بىر كېلىشىمدۇر. شۇڭا ئۆز - ئۆزىگە خوجايىن، مۇستەقىل  ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەسىلىسىگە باشقا دۆلەتلەر ئارىلىشىۋالماسلىقى، پەقەتلا ھۆرمەت قىلىشى لازىم» دېدى.

 

چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋە بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا رىئايە قىلمايدىغان بۇ تەلەپلەرنىڭ قەتئىي توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ يەردىكى كىرىزىسنىڭ قاتاردىكى تۈركىيە بازىسى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. بىز 2014 - يىلىلا بۇ بازىنى قۇرۇش قارارىغا كېلىپ بولغان ۋە كېلشىم ئىمزالاشقان ئىدۇق. بۇ كېلىشىم پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. ئىجرا قىلىش كېلىشىمىمۇ ماي ئېيىدا تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى. پەقەت كىرىزىس يۈز بەرگەن چاغقىلا توغرا كېلىپ قالدى» دېدى.

پارىس قولتۇقى رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭمۇ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئۇ يەردىكى تىنچلىق بىزنى خوشال قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ يەردىكى كىرىزىس بىزنى ئازايلايدۇ. خۇددى قاتار ۋە باشقا 4 دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى كىرىزىس بىزنى ئازابلىغاندەك. دىيالوگ ۋە تىنچلىق يولى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لازىم. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى. مۇرەسسچىلىك قىلىشقا تىرىشتى» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا ئۇچرىشىشلاردا بولدى ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىمكانىيەتلىرىنى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارغا ياردەمگە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، يەمەنگە ۋە غەززەگە يوللىغان ياردەم پاراخوتلىرىنىڭ يېتىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلدى.  

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر