تۈركىيە لوندوندىكى بىر جامەنىڭ جامائىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا بىر جامەنىڭ جامائىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى.

755758
تۈركىيە لوندوندىكى بىر جامەنىڭ جامائىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لوندوندىكى بىر جامەنىڭ جامائىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ مۇقەددەس ررامىزان ئېيىدا بىگۇناھ كىشىلەرگە قارىتا قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە كەڭ قورساقلىققا تايانغان جەمئىيەت تەرتىپى بىلەن خاتىرجەملىك مۇھىتىنى قالايمىقان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق لەنەتلەيمىز.»

تەزىيە ۋە سەۋر تىلەكلىرى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا يەنە: «تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئەنگلىيە بىلەن داۋاملىق تولۇق ھەمكارلىق قىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر