تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، ئارىسىدا يېشىل ۋە كۈلرەڭ تىزىملىكتە ئىسمى بارلارمۇ بولۇپ جەمئىي 16 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
754776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى چېگرا ساقچى پونكىتلىرى ۋە بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان زاپ رايونىدىكى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىپ، 6 پ ك ك تېررورچىسىنى، نىۋا سەيتۇ رايونىدا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، 5 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.
ئەرزۇرۇمنىڭ شەنيايلا ناھىيەسىدە ئىككىسىنىڭ يېشىل ۋە كۈلرەڭ تىزىملىكتە ئىسمى بار جەمئىي 3؛ ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدە 1؛ دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە يەنە 1 تېررورچى بولۇپ، جەمئىي 16 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سىئىرتنىڭ پەرۋارى ناھىيەسىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2 ئەزاسى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.