ئىككى يىلدا 10 مىڭ 657 تېررورىست يوقتىلغان

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق كىلىستە خىمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىككى يىلدا 10 مىڭ 657 تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇغانلىقىنى ئېيتتى.

751079
ئىككى يىلدا 10 مىڭ 657 تېررورىست يوقتىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈنۈگۈن (11-ئىيۇن) قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال سالىھ زەكىچولاك بىلەن كىلىستىكى چىلدىرئوبا بازىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى خادىملىرىدىن مەلۇمات ئالدى. ئارقىدىن شېھىت لېيتېنانت فۇرقان يايلا بازىسىدا ئەسكەرلەر بىلەن ئىپتار قىلدى.

ئۇ ئىپتاردىن كېيىن سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«سىلەر فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلغان قەھرىمان دوستلىرىمىز بولىسلەر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە شېھىت بولغان بارلىق شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت، غازىلىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمەن.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە رايوندىكى ۋەقەلەرگە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغان، رايونىمىزدىكى پەرۋاسىزلارچە بولدى قىلىشلارغا قايتۇرغان ئەڭ ئېنىق جاۋاب بولدى.»

مىنىستىر فىكرى ئىشىق تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «35 يىللىق كۈرەش تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. 2015-يىلى 23-ئىيۇلدىن بۈگۈنگىچە بولغان تەخمىنەن ئىككى يىللىق كۈرەشتە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورىستلارنىڭ سانى 10 مىڭ 657 گە يەتتى. بۇ ناھايىتى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمدى ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلدى. ئىنشائاللاھ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى سۇندۇرىمىز ۋە ئىككىنچى قېتىم دۆلەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەسلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د، تېررورۇق تەشكىلاتى دائېش، ئاشقۇن سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر