يىلدىرىم: تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن خاتىرجەم دۆلەت قالمىدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تېررورىزم، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

750187
يىلدىرىم: تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن خاتىرجەم دۆلەت قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم، ئىستانبۇل دولماباھچە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىپتاردا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدىلا ئىستانبۇلدا داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ئالدىنقى كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ناتىگ ئالىيېۋگە رەھمەت تىلىدى، ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى.

يىلدىرىم، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە باغداد، كابۇل، فىلىپپىن، لوندون ۋە ئىراندا ئارقا – ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، تېرروردىن خاتىرجەم بىرمۇ دۆلەت قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيانىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئورتاق كۈرەشتە «ئىنساننى ياشىتىش جاھاننى ياشىتىشتۇر» دېگەن پىرىنسىپنى نەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەقىقىي مەنىدە كۈرەش قىلغانلىقىنى، «كۈرەش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ قويمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، دۇنيادا ئۈچ تېررورلۇق تەشكىلاتى (بۆلگۈنچى پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۇلارنىڭ گۇماشتىلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى) غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە قاتار كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ توختالدى؛ قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پارس قولتۇقى ئەللىرىدە يۈز بەرگەن بۇ كىرىزىسنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دىيالوگ يولى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سۈرىيە ، ئىراق، يەمەن، لىۋىيەگە ئوخشاش ئەللەردىكى كىرىزىسلەر ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ پارس قولتۇقىغا چاچرىشى رايونىمىزدا ھېچبىرىمىز خالىمايدىغان يېڭى بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشتا جۇمھۇر رەئىسىمىز بولۇپ ئالاھىدە ۋاقىت سەرپ قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر