«ي پ گ غا بېرىلگەن قوراللار، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەتەرلىك»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا قىلىنغان قورال ياردىمىنىڭ، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

743159
«ي پ گ غا بېرىلگەن قوراللار، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەتەرلىك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سىلوۋېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل ئېرژاۋېك بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ راققەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىپ، يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى-ي پ گ بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «بىزنىڭ سۈرىيەدە ي پ گ غا بېرىلگەن ياكى بېرىلمەكچى بولغان ياردەملەر توغرىسىدىكى مەيدانىمىز ناھايىتى ئېنىق. ي پ گ غا بېرىلگەن ياردەمنىڭ، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلگەن قورال ياردىمى تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىشلار ئىنتايىن خەتەرلىك. سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە مۇقىملىق بولسۇن دېسەك، بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشىمىز لازىم.»

ئۇ ئامېرىكىلىق مەسئۇللارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ بىلەن ۋاقىتلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدە گەپ قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «ۋاقىتلىق شېرىكلىك دەيدىغان بىر ئىش بولمايدۇ، مۈنبىچتە بۇنى كۆردۇق» دېدى.

مۈنبىچنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ي پ گ بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان ئامېرىكا، مۈنبىچ ئېلىنغاندىن كېيىن ي پ گ نىڭ رايوندىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بىراق، ئامېرىكا ياكى ي پ گ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر