ئەردوغان خەلقنىڭ ئالدىغا 180 كۈنلۈك خىزمەت پىلانى بىلەن چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقنىڭ ئالدىغا ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ باشلىنىدىغان 180 كۈنلۈك خىزمەت پىلانى بىلەن چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

742020
ئەردوغان خەلقنىڭ ئالدىغا 180 كۈنلۈك خىزمەت پىلانى بىلەن چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدا، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي قارار ۋە كېڭەش ئەزالىرى، گۇرۇپپا ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21-ماي ئۆتكۈزۈلگەن كونگرەدە باش مەركىزىي ئورگانلىرىغا سايلانغان پارتىيە ئەزالىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ ئوتتۇرىچە يېشى 47 بولغان مەركىزىي قارار كېڭىشىدىكى 16 ئەزا يېشىنىڭ 40 ياش ھەتتا ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ 52 ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەم خىزمەت قوشۇنى ھەم پىروگرامما ۋە لايىھە نۇقتىسىدىن ئۆزىمىزنى ھەر دائىم يېڭىلاپ، خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىمىزنى كۈچلەندۈرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېيىنكى سايلام يىلى بولغان 2019-يىلىغىچە دىققەتنى نەتىجە ئېلىشقا قارىتىلغان پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ دائىرىدە، دەسلەپكى قەدەمدە مىنىستىرلار تەرىپىدىن 180 كۈنلۈك خىزمەت پىروگراممىسى تەييارلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ خىزمەت پىلانلىرى بىز تۇنجى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كۈنلەردىكىدەك 100 كۈنلۈك پىروگراممىغا ئوخشاش، بىۋاستە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمىلىي تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسۇنكى، بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىزنىڭ يول خەرىتىمىز بولسۇن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرى نۇرغۇن قېتىم ئارقا-ئارقىدىن پىداكارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان پىروگراممىنى تېز سۈرئەتتە تەييارلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ئالدىغا 180 كۈنلۈك، ئىككىنچى قەدەمدە 2019-يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كەڭ-كۆلەملىك خىزمەت پىلانى بىلەن چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2023-يىللىق نىشاننىڭ مۇقەددىمىسى ماھىيىتىگە ئىگە بۇ خىزمەتلەرنى بىرلىكتە، تېز سۈرئەتتە ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «180كۈنلۈك خىزمەت پىروگراممىسى، رايونىمىزنىڭ مەركىزىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلىش باسقۇچىدا قارشىمىزغا چىقىدىغان ھەر قانداق سىناقلارنى كۈچلۈك شەكىلدە كۈتۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر