تۇنجەلىدىكى پارتلاشتا ئىككى ئەسكەر يارىدار بولدى

شەھەر ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش خىزمەتلىرى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا.

738017
تۇنجەلىدىكى پارتلاشتا ئىككى ئەسكەر يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنجەلىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا تېررورچىلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان بومبىسى پارتلاپ، ئىككى ئەسكەر يارىدار بولدى.

ۋالىي مەھكىمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىۋاستە تۇقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ۋە قىسغىنە ۋاقىتقىچە تونۇقۇنۇشنىڭ  داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 باياناتتا يەنە، تۇقۇنۇش جەريانىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن كۆمۈپ قويۇلغان يەرلىك ۋە ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى تۈپەيلىدىن ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى، رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە شەھەر ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر