تۈركىيەدە ياشلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %17گە يېقىنلىشىپ قالدى

تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.3نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

733117
تۈركىيەدە ياشلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %17گە يېقىنلىشىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.3نى تەشكىل قىلىدۇ.

تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى 2016-يىلى ياشلارنىڭ نوپۇسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، 80 مىليون ئەتىراپىدىكى تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %16.3نى 15ياشتىن 24ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە مىقىياسىدا ياشلارنىڭ سانى 12 مىليون 989مىڭ 42 بولۇپ، بۇنىڭ %51.2نى ئوغۇللار، %48.8نى قىزلار تەشكىل تەشكىل قىلىدىكەن.

ھەر قايسى ۋىلايەتلەر ئىچىدە ياشلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋىلايەت ھاككارى بولۇپ، بۇ ۋىلايەتتە ياشلارنىڭ نىسبىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25.5نى تەشكىل قىلىدىكەن، شىرناك ۋە سىيىرت ۋىلايەتلىرىدىمۇ ياشلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئىكەن، مۇغلا ( %13.2)، بالىكەسىر (%13.5)ۋە سىنوپ (%13.7) قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ياشلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى ئومۇمىي نوپۇسقا قارىغاندا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر