پ ك ك ۋە پ ي د ئاياللار بىلەن قىز بالىلارنى سۈيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيەنىڭ ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى پ ك ك، پ ي د، دائېش ۋە بوكو ھارام قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاياللار بىلەن قىز بالىلارنى سۈيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

732923
پ ك ك ۋە پ ي د ئاياللار بىلەن قىز بالىلارنى سۈيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى گۈەن بەگەچ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د، دائېش، بوكو ھارام قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاياللار ۋە قىز بالىلارنى سۈيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۈەن بەگەچ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى «توقۇنۇش مۇھىتىدىكى جىنسىي زوراۋانلىق» ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، توقۇنۇشلارنىڭ ئايال ۋە قىز بالىلارغا كۆرسەتكەن چوڭ تەسىرى، بارغانسېرى ئېشىۋاتقان جىنسىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى ۋە پۇقرالارغا قارىتا قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق ھۇجۇم قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئۇ دائېش ۋە بوكو ھارام قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاياللارغا ۋە قىز بالىلارغا قىلىۋاتقان پەسكەشلەرچە مۇئامىلىلىرىنىڭ ھەممە مۇنبەرلەردە ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د، دائېش، بوكو ھارام، ئاياللارنى ۋە قىز بالىلارنى سۈيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەزاسى بولغان ئاياللارغىمۇ باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ھامىلە قىلىپ قويۇش، بالا چۈشۈرۈۋېتىش قاتارلىق جىنسىي زوراۋانلىقلارنى قىلماقتا» دېدى.

ئۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە مەجبۇرىي يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە شارائىت تەييارلاپ بېرىشتىن باشقا، جىنسىي زوراۋانلىقلارنىمۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، كىشىنىڭ غۇرۇرى ۋە شان-شەرىپىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۈرىيەدىكى جىنسىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ھەر خىل گۇرۇپپىلارنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقتىن، ئۇرۇش، تېررورلۇق، قىيىن-قىستاق تاكتىكىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۈرىيەلىكلەر، بولۇپمۇ ئايال ۋە قىز بالىلارنىڭ داۋاملىق جىنسىي زوراۋانلىق تەھدىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى قورقۇنچلىق جىنسىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ب د ت دوكلاتلىرىدا دەلىللەنگەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىدا مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر