جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېيجىڭدىن ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا چاقىرىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى.

732450
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېيجىڭدىن ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان خىتايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنى دائىرىسىدە خىزمەت زىياپىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن مەخسۇس «جان» ناملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 09.25 تە بېيجىڭدىن ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى

ئەردوغان ۋاشىنگتوندا ئەتە (16  - ماي)  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، ئەردوغاننىڭ ترامپ بىلەن تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

زىيارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغان زىيارەت دائىرىسىدە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم كارخانىچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلىدۇ.

زىيارىتىدە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق قاتارلىقلار ئەردوغانغا ھەمراھ بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر