خىتايدا «كۆڭۈل ئەلچىسى» تۈرك ھەيئەتلىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىنماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاينى زىيارەت قىلغان تۈرك ھەيئىتى ئىچىدىكى ژۇرنالىست مەھمەت ئاجەت ئەپەندىنىڭ چېڭدۇ زىيارىتى توغرلۇق ماقالە ئېلان قىلدى.

721551
خىتايدا «كۆڭۈل ئەلچىسى» تۈرك ھەيئەتلىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىنماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى 14-مايدىن 15-مايغىچە بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان «بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى»ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى دائىرىسىدە خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تۈركىيەدىكى تونۇلغان ژۇرنالىستلارنى، رەھبەرلەرنى خىتاينى زىيارەت قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلماقتا.

بۇ دائىرىدە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن بېيجىڭدىكى خەلقئارا رادىيوسى ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەنىڭ رادىيو-تېلۋىزىيە نازارەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغان تۆت رەھبىرى كادىر ۋە 8 ژۇرنالىست بولۇپ جەمئىي 12 كىشلىك ھەيئەت خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە زىيارەتتە بولدى. تۈرك ھەيئىتى ئىچىدىكى ژۇرنالىست مەھمەت ئاجەت ئەپەندى چېڭدۇ زىيارىتى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى، ئۇ ماقالىسىدە تۈرك ھەيئىتىنىڭ چېڭدۇ زىيارىتىگە تەپسىلىي ئورۇن ئاجراتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى توغرۇلۇق تەسىراتىنىمۇ قىسقىچە بايان قىلىدۇ.  ئۇ ماقالىسىدە تۈرك ھەيئىتىنىڭ دەسلەپ قانداق كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى توغرۇلۇق ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىدۇ: « مۇرات، فەراي ۋە ئىكنۇر دېگەن تۈركچە ئىسىملارنى قويۇۋالغان ۋە تۈركچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان 3 خىتاي ياش بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.»

ئارقىدىن ماقالىسدە تۈرك ھەيئىتىنىڭ پاندا ئېيىقى باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى، ئېكسۇرسىيە جەريانىدا خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ توختىماي ئۆزلىرىدىن ئېكسۇرسىيەدىن قانداق تەسىرات ئالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە تۈرك ھەيئىتىگە يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىشلىرىدىن تۈرك ھەيئىتىنىڭ ئۆزلىرىنى «كۆڭۈل ئەلچىسى»دەك ھېس قىلىپ قالغانلىقلىرىنى يازىدۇ.

ژۇرنالىست مەھمەت ئاجەت ئەپەندى ئارقىدىن تۈرك ھەيئىتىنىڭ «خىزمەت ئېكسكۇرسىيە»سى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە غايەت زور چوڭلىقتىكى بىر بازارنى ئېكسۇرسىيە قىلغانلىقىنى، بۇ بازاردا چوڭ-كىچىك بولۇپ نۇرغۇن كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ شىركەتلەردە ئاساسلىقى ياشلارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇ بازارنىڭ ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تولىمۇ ئىلغار ئىكەنلىكىنى، بۇ ساھەدە خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاخىرىدا تۈرك ھەيئىتىنىڭ چېڭدۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىمۇ ئېكسۇرسىيە قىلغانلىقىنى يازغان مەھمەت ئاجەت ئەپەندى چېڭدۇدىن باشقا شەھەرلەردىمۇ ئېكسۇرسىيەدە بولىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

مۇتەخەسسىلەر، ژۇرنالىست مەھمەت ئاجەت ئەپەندىنىڭ «كۆڭۈل ئەلچىسى»دېگەن سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بۇ زىيارەتتە «كۆڭۈل»دېگەن ھېسسىي ئامىلنىڭ يوقلىقىنى، بۇ يەردە سىياسىي سۇيىئىستېمالچىلىقتىن باشقا ئامىلنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلدى، ئۇلار يەنە مەھمەت ئاجەت ئەپەندىنىڭ خىتايدا تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش ئاخبارات ساھەسىنىڭ مەلۇم سىياسىي پارتىيە ياكى گۇرۇھنىڭ كونتروللۇقىدا بولماسلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ«قىزغىن»مۇئامىلىسىنى تۈركىيەدىكى ئاخباراتچىلىق ساھەسى ۋە يۈز-ئابروي نۇقتىسىدىن ئويلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي زىيارەت خاتىرىسىنى خىتاي كۈتكەندەك سىياسىي تەشۋىقاتقا ئايلاندۇرۇپ يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر