ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رويتېرس (Reuters)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى.

720494
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سىنجار ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئەڭ ئاخىرقى تېرروچى يوقىتىلغۇچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رويتېرس (Reuters)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق  چىقارغان قارارنامىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىياسىي پۇرىقى كۈچلۈك بولغان بۇ قارارنامىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايمىز.»

پۈتكۈل دۇنياغا خىتاب قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىنسانلارنى سىياسىي نۇقتىئىينەزەردىن خالىي ھالدا ۋىجدانلىرىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئۇلارنىڭ قانداق قىلىشى مۇھىم ئەمەس، بىز ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر مەسىلىسىدە كۈرىشىمىزنى بۇرۇن قانداق قىلىپ كەلگەن بولساق بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ يولدىكى كۈرىشىمىزنى پۈتكۈل سەمىمىيىتىمىز بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز، لېكىن پ ك ك ، فەتھۇللاھچىلار ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈرەشلىرىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز.»

ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار بىلەن سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان قاراقوچ تېغىغا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى تېرروچى يوقىتىلغۇچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىنجارنىڭ ئىككىنچى قاندىل بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلساق ئەتە-ئۆگۈن ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ.»

ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سىنجار، قاراقوچ قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ پەشمەرگەلەرگە قارشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھاكىمىيىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيەگە ئالدىن بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىدا قالغان ئەھۋالدا سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ قەتئىي ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: «سۈرىيەنى بۇ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئەسەدتۇر، دۆلەت تېررورىزىمنى پەيدا قىلغانمۇ ئۇدۇر. ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلغىلى بولسۇن، ئۆز خەلقىگە، ئۆزى پۇقراسىغا تانكىلار، توپ ئوقلىرى، ئايروپىلانلار، ۋارىل بومبىلىرى، خىمىيىۋى قوراللار بىلەن  ھۇجۇم قىلىپ خەلقىنى قەتل قىلغان بىر ئىنسان ھەل قىلىش ۋاستىسى بولالامدۇ؟»

سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ مەسىلىنى پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ «سايلام ئۆتكۈزۈلسۈن، ساندۇقتىن كىم چىقسا ھەممىمىز قوبۇل قىلايلى»دېگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنۇلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «بىراق تولىمۇ ئەپسۇسكى ئۇلار بىزگە مۇنۇ مەسىلىسىنى دەپ كېلىۋاتىدۇ: ئەسەد كەتسە دائېش كېلىدۇ، مەنچە ئەسەدنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى دائېشتىن پەرقلىقمۇ؟»

ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مەسىلىسىنى خەلق رايىغا قويۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى پۇرىتىپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى 3، 4  يىل بۇ ئىشنى كەينىگە تارتسا، بىزگە بىرلا تاللاش يولى قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ رايىغا قاراشتۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ، رەسمىي نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قايتىدىن رەئىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ يوقلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر