دۆلەت ئەربابلىرى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى قارارىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ «تۈركىيەنى سىياسىي جەھەتتە نازارەت قىلىش» توغرىسىدىكى قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

720580
دۆلەت ئەربابلىرى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى قارارىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەگە قارشى چىقىرىلغان قارارنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي غەرەزلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز بۇنداق بىر قارار ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ بايانات بېرىپ، «ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق بۇ قارارنى ئەيىبلەيمىز. بۇ تۈركىيە دۈشمىنى كۈچلەرنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىدۇر» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامانمۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتلىك چىقىرىلغان بۇ قارارنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا باغرىنى ئاچقان بۇ قارارنىڭ، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى ئۈچۈن بىر نومۇس ئابىدىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بولسا، قارارنىڭ كۈچىيىۋاتقان ئىرقچىلىقنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا چىقىرىلغان سىياسىي غەرەزلىك بىر قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى پىكىر قالايمىقانچىلىقىدىن قۇتۇلۇشىنى كۈتمەكتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسىگە ئالاقىدار قاراشلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «بۇ، ئەپسۇسكى قەدەممۇ قەدەم تەرەققىي قىلغان ئىرقچى، فاشىست، تۈركلەرگە، ئىسلامغا، تۈركىيەگە قارشى بىر دولقۇننىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالماقتا. ئۇ، ئەمەلىيەتكە پەقەتلا ماسلاشمايدىغان پۈتۈنلەي سىياسىي غەرەزلىك بىر قاراردۇر» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «قارارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قاراشتىن مەھرۇم، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بىر پوزىتسىيەنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى» قەيت قىلىندى ۋە «سىياسىي غەرەزلىك بۇ ناھەق قارارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىكمۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ قارارىنىڭ بىر تارىخىي خاتالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، « بۇ ئادىل بولمىغان، ناھەق ۋە خاتا بىر قارار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر