چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 102 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى تولىمۇ تەسىرلىك ئۆتتى

ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىسى رىچارد مۇر قىلغان سۆزىدە، بۇ كۈننىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇرۇش ئەخلاقىدىن ھازىرمۇ قاتتىق تەسىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

719727
چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 102 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى تولىمۇ تەسىرلىك ئۆتتى
çanakkale kara savaşlarının 102. yıl.jpg
çanakkale kara savaşlarının 102. yıl.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىختىكى ئەڭ چوڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن بىرسى يېزىلغان چاناققەلئە قۇرۇغلۇق ئۇرۇشلىرىنىڭ 102 – يىلى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە. گەلىبولونىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تۈنۈگۈن شېھىتلەر ئابىدىسىدىكى مۇراسىمدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى ۋە دۇئالار ئوقۇلدى. 

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى سۆز قىلىپ، چاناققەلئە زەپەرى بىلەن ئازادلىق ئۇرۇشى ئوتتۇرىسىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت بارلىقىنى تەكىتلىدى.

نابى ئاۋجى بۇ كاتتا زەپەرنىڭ قولغا كېلىشىدە بىرلىك ۋە باراۋرەلىك رۇھىنىڭ ئۈستۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىسى رىچارد مۇرمۇ قىلغان سۆزىدە بۇ كۈننىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، چاناققەلئە قۇرۇغلۇق  ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا تولىمۇ تەسىرلىك يىقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يېقىنلىقنىڭ ھازىرمۇ ئۆزىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇراسىمدا ئوسمانلى بارابانچى ئەترىتى نۇمۇر كۆرسەتتى. ئاندىن پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئۇچقۇچىلار ئەترىتى «Solo Türk» چاناققەلئە بوغۇزى ئۈستىدە ئۇچۇپ ماھارەت كۆرسەتتى.

57 – دىۋېزىيە شھىتگاھلىقىغا تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر نامىدىن گۈل چەمبىرەك قويۇلدى. 

مۇراسىم مىنىستىر نابى ئاۋجى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ شېھىت مارازلىرىغا گۈل قويۇشى بىلەن ئاخىرىلاشتى.

ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مازارلىقلىرىدىمۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كاتتا غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان چاناققەلئە ئۇرۇشى سەككىز يېرىم ئاي داۋاملاشقان ئىدى.

چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 102 – يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بۈگۈن پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا يەنە، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «57 – دىۋېزىيەگە ۋاپا يۈرىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئەتىگەندە نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاپا يۈرىشىگە مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىدە 57 – دىۋېزىيەنىڭ كۆرسەتكەن قەھرمانلىقلىرى تارىخقا ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر