قالىن: ياۋروپادىكى ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە قارشى خاھىشنىڭ نورماللىشىپ قېلىشىغا يول قويمايمىز

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپادىكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە قارشى خاھىشنىڭ نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

719424
قالىن: ياۋروپادىكى ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە قارشى خاھىشنىڭ نورماللىشىپ قېلىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى؛ فىرانسىيەلىك بىر سىياسەتشۇناسنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن قالىن، «بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ئادەتتىكى نورمال سۆزلەرگە ئايلىنىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. چۈنكى بۇ، باشقا بىر ئىشلارغا زېمىن ھازىرلاش ئۇرۇنىشىدۇر. بۇلار سىياسىي ئانالىز، مۇلاھىزە ئەمەس، باشقا بىر پىلاننىڭ پارچىسى سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن سۆزلەردۇر. بىز دېموكراتىيە نامىدىن، مىللىي ئىرادە نامىدىن، ئەخلاق ۋە ۋىجدان نامىدىن بۇ فاشىستلارچە پوزىتسىيەلەرگە نورمال ۋە يوللۇق قارالماسلىقى ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىدىغان پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىمىز ۋە بۇ خىل قاراشلارنى ئەپۇ قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 1915 – يىلى ۋەقەلىرىنىڭ 102 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرمەنى چېركاۋىغا تېلېگرامما يوللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ تېلېگرامما، ھۆرمەتلىك مۇئاۋىن پوپ ئارام ئاتەشيان تەرىپىدىن چېركاۋدىكى ئىبادەت ئەسناسىدا ئەرمەن خەلقىمىز بىلەنمۇ ئورتاقلىشىلدى. بىز، 1915 – يىلى ۋەقەلىرى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ھادىسىلەرگە ھەر دائىم <بىر ئورتاق ئازاب ۋە ئادىل خاتىرە> پىرىنسىپىدىن قارايدىغانلىقىمىز ئىپادىلەپ كەلدۇق. يەنە بۇ دائىرىدە، جۇمھۇر رەئىسىمىز ئېلان قىلغان تېلېگراممىنىڭ بىر – ئىككى جۈملىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن؛ رايوننىڭ ئىككى قەدىمكى خەلقى - تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەر مىڭ يىلدىن بۇيان مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ياشىغان بۇ رايوندا، ئورتاق بىر تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى ئورتاقلاشتى. ئەرمەن جامائىتى مەيلى ئوسمان ئىمپېراتورلۇقى مەيلى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يۈز يىلغا يېقىنلاشقان ئۆتمۈشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كاتتا تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ ئەرمەنلەر، دۆلىتىمىزنىڭ باراۋەر ۋە ئەركىن پۇقرالىرى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە سودا ھاياتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر