چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 25-، 26 – ئاپرېل كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

719178
چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى پۈتكۈل ساھەلەر بويىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆھبەتلىرى جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان زىيارىتىنىڭ، تۈرك ۋە ئۆزبېك خەلقلىرى ئارىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق يېقىن رىشتىدىن ئوزۇق ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر