ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېۋ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

716038
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېۋ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، 16 – ئاپرېلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلىدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ پىرىنسىپلىرىنى تايانچ قىلغان يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن مىرزىيايېۋ، قېرىنداش ئۆزبېك ۋە تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر