چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئانالىز قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

716018
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ت ر ت خەبەر (TRT Haber) قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىك ئىدارە-ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىيۇروسى بىلەن ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئورتاق مەھسۇلى بولغان خەلقئارا كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى (ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش) نى كۆزىتىش ئۈچۈن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىك ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىيۇروسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەيئەتتىكى بەزى ئەزالارنىڭ، تۈركىيەگە قارشى ئېچىلغان يىغىنلارغا قاتناشقانلىقىنى ۋە 16-ئاپرېلدىكى بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن «رەت» سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ قېتىم كەلگەن ھەيئەتنىڭ ياخشى نىيەتتە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە تېخنىكىلىق ئىشلاردىن باشقا مەسىلىلەردە سىياسىي تېمىلارغا ئارىلاشقانلىقىنى كۆردۇق. ئەسلىدە بۇ ھەيئەتنىڭ سىياسىي ئانالىز قىلىدىغان ۋەزىپىسى يوق ئىدى» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىملىرى ئاشكارىلانغان گېرمانىيە سول پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئاندرېج ھۇكونىڭمۇ ھەيئەتتە بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەنقەرەگە كېلىپ رېفېراندۇمنى رەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. بۇ قانۇنغا خىلاپ» دېدى.

ئۇ بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ھەيئەتنىڭ باشلىقىغا ئەھۋالنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تەييارلانغان دوكلاتنىڭ ئارگېنالىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، نۇرغۇن تېخنىكىلىق خاتا مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايمىز. بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزى خالىغانچە تېررورلۇقنى قوللايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشى چەكلىنىدۇ، سىياسىي ئانالىزلارنى قىلالمايدۇ. پەقەت بېلەت تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق خىزمەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ھېچقانداق مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ئەمەس» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە كۈچىيىپ، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشقا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغانسېرى ياۋروپانىڭ «يۆنۈلۈش ئۆزگەرتىش» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلغانلىقىدىن ياۋروپانىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك ۋە بىر گەۋدىلىشىش سىياسەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باراۋەر ۋە شەرەپ بىلەن ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سېلىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمدى قارار قىلسۇن، ماقۇل ياكى ياق، دېسۇن. ياق دېسە، مۇساپىرلارنى قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمى قاتارلىق باشقا كېلىشىملەرمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر