جىددىي ھالەت يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىلدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ جىددىي ھالەت مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

715025
جىددىي ھالەت يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىددىي ھالەت 2017-يىلى 19-ئاپرېل (چارشەنبە) ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 01:00 دىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئۇزارتىلىدىكەن ۋە بۇ ھەقتىكى قارار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

نۇمان قۇرتۇلمۇش: «16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدا تۈرك دېموكراتىيەسى غەلىبە قىلدى، رېفېراندۇمغا قاتنىشىش نىسبىتى %85 دىن يۇقىرى بولدى. بۇ پۇقرالىرىمىزنىڭ دېموكراتىيەگە ئىگە چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ رېفېراندۇم نەتىجىسىنى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 18 ماددىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، رېفېراندۇم نەتىجىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق توسقۇنلۇقنىڭ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر