ئەردوغان ئۆزال ۋە ئەرباقاننىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى تۇرگۇت ئۆزال ۋە سابىق باش مىنىستىر نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى.

714593
ئەردوغان ئۆزال ۋە ئەرباقاننىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى بۇنىڭدىن 24  يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ۋاپات بولغان سابىق جۇمھۇر رەئىس تۇرگۇت ئۆزالنىڭ قەبرىسىگە قاراتتى.

ئۆزالنىڭ ئىستانبۇل توپكاپىدىكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان ئەردوغانغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان، ئېنېرگىيە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە 8 – جۇمھۇر رەئىس ئۆزالنىڭ ئوغلى ئەھمەد ئۆزال قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارقىدىن 27 – ماي ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ياسسىئادادا سوتلىنىپ ئارقىدىن دارغا ئېسىلغان ئادنان مەندەرەس ۋە مىنىستىرلار فاتىھ رۈشتۈ زورلۇ ۋە ھەسەن پولاتقاننىڭ قەبرىسى بار جايغا بېرىپ دۇئا قىلدى، ئارقىدىن سابىق باش مىنىستىرلاردىن نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ قەبرىسى بېشىغا بېرىپ دۇئا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر