ئەردوغان، ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى سۆزى جەريانىدا ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

714096
ئەردوغان، ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆلۈم جازاسىغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالسا، ئۇنى تەستىقلايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى خەلقنىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى خۇبەر سارىيى ئالدىغا  توپلانغان ئاممىغا خىتاب قىلدى؛ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى 3 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىنىڭمۇ «ئۆلۈم جازاسى» لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئەگەر ئۇلار قوللىمىسا، ئۇنىڭ (ئۆلۈم جازاسى) ئۈچۈنمۇ بىر ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر