ئامېرىكا ساختىپەز گۈلەنگە يەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا ئاچماسلىقى لازىم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت نىڭ نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش ئورتاق پىروگراممىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن ھەققىدە توختالدى.

713154
ئامېرىكا ساختىپەز گۈلەنگە يەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا ئاچماسلىقى لازىم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتى %1.8 ۋە %1.9 بولغان يەردە، تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات نىسبىتىنىڭ %2.9 بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «تۈركىيە ئىقتىسادتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. تېخىمۇ ياخشى نۇقتىلارغا كېلىمىز. بىز سېلىنمىلىرىمىزنى توختاتمايمىز. قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت نىڭ نەق مەيداندىن ئورتاق ئۇلاپ تارقىتىش پىروگراممىسىدا دېكتور ئەرخان چەلىكنىڭ كۈتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئامېرىكا بۇ ساختىپەزگە يەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا ئاچماسلىقى لازىم. تەبىئىيكى بۇ ساختىپەز بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بارلىق تۆرەلمىلىرىمۇ ئامېرىكىدا تۇرماقتا. ئامېرىكىدا بازا قۇرغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئامېرىكىدا ئاچقان مەكتەپلىرىدىن يىلىغا 750 مىليون دوللار كىرىم قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ساختىپەزلىك بىلەن قولغا كەلتۈرىلىۋاتقان كىرىملەردۇر. بۇ پۇللار قەيەرگە خىراجەت قىلىنىدۇ؟ مانا قارايدىغان بولساڭلار، پالاتا ئەزالىرىغا پۇل بەرگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. بىز بۇ مەلۇماتلارنىڭ ھەممىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزدۇق. ئارخىپلار، ھۆججەتلەر... يەنە باشقىلار بولۇپ، 80 – 85 يېشىك ھۆججەت يوللاپ بەردۇق. ئەمما نېمىشقىكىن بۇلارنى تەدبىر مەقسىتىدە بولسىمۇ قولغا ئالماسلىقى بىزنى ئويغا سالىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر