ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى ئاساسلىق كۈرەشنى پەردە ئارقىسىدىكىلەرگە قارشى قىلىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا ئالاقىدار ئاساسلىق كۈرەشنى پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

711551
ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى ئاساسلىق كۈرەشنى پەردە ئارقىسىدىكىلەرگە قارشى قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇل سىنان ئەردەم تەنتەربىيە زالىدا مىللىي ئىرادە مۇنبىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «15 – ئىيۇل شېھىت يېقىنلىرى ۋە غازىلار يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ سىناقلىرىنىڭ شىددەتلىك بولىدىغانلىقىنى، چوڭ قارارلارنىڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، بەزى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا خەلقنىڭ تەڭداشسىز قەھرىمانلىقلارنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇ مىللەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكىلەرگە 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق كۈچلۈك دەرس بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، بەزى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا تەرەپ تۇتقانلىقىنى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ماقۇللانماسلىقى ئۈچۈن، ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلغانلىقلىرىنىمۇ تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئەسلىدە ئاساسلىق كۈرەشنى پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە قارشى قىلىۋاتىمىز... ئەگەر بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىسا، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرىمىز ئاپتوموبىلىغا قاماپ قويۇلسا، ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقان بۇ ئەدەبسىزلەر بىر ئايالغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسا، بۇلارنىڭ مەدەنىيەتتىن نېسىۋىسى يوقتۇر... بۇلار مەدەنىيلىك يوق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن 1984 – يىلىدىن بۇيان قانخۇرلارچە قەتلى قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ كوردلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇ يەكشەنبە مېنىڭ كورد قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ بىر ئىمتىھانىدۇر، سىنىقىدۇر. ئەمدى، ھېچكىم <بىزگە تەھدىت سالدى، قورقۇتتى> دېيەلمەيدۇ. تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى، ساقچىلىرىمىز، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز شەرقىي جەنۇبتا، شەرقتە بۇلار تەھدىت سالىدىغان جايلاردا ئۇلارنىڭ يەلكىسىدىدۇر. 20 ئاي ئىچىدە 10500 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر