ئەردوغان ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ تېررورىستلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ناتسىزمنى قايتىدىن ئەۋج ئالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

710815
ئەردوغان ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرستېتىدا ئىككى خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ئورتاق تارقاتقان «ياشلار بىلەن ئۇچرىشىش» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ گوللاندىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا، ئىرقىي ئايرىىچىلىق قىلىپ، ناتسىستلارچە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى؛ بۇنىڭ ئاددىي ۋەقەلەر ئەمەسلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ بۇ مۇئامىلىسى بىلەن ئۇ يەردە ياشاۋاتقان 3 مىليون تۈركىيە پۇقراسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، گېرمانىيەنىڭ مىڭلارچە تېررورىستنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تېررورىستلارغا مۇناسىۋەتلىك 4 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ھۆججەت تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، گېرمانىيەنىڭ تېررورىستلار توغرىسىدا ھېچقانداق كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان گېرمانىيەلىكلەرنىڭ بىنادا بىر جاسۇس تېررورىستنى بىر ئاي يوشۇرۇپ ساقلىغانلىقىنى، ئاخىرىدا تېررورىستنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنى، 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئۇلار 16-ئاپرېلدىن كېيىن، ئويلاپ باقمىغان ئىشلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ رېفېراندۇم ئارقىلىق ئورنىتىلماقچى بولغان تۈزۈم توغرىسىدىكى «ھوقۇق بىر كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىدۇ» دېگەن تەنقىدلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ يېڭى تۈزۈمدە، قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيەنىڭ ئايرىۋېتىلىدىغانلىقىنى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنىڭ بىر مەركەزدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىرقى مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ «قوش باش» لىق ئىكەنلىكىنى تارىختىن مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈردى ۋە يېڭى تۈزۈمدە جۇمھۇر رەئىس بىلەن باش مىنىستىردىن ئىبارەت ئىككى رەھبەر بولۇشنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى، ئىجرا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە تەرتىپلىك بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر