«تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇردۇق»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

709995
«تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇردۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان TRT FM ، Kral FM ۋە بىر قىسىم يەرلىك رادىيولارنىڭ ئورتاق پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەمدە ياۋروپانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ،  16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ھەر بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ بۇ رېفېراندۇمنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر جەھەتتىن داۋاملىق زەھەرخەندىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سايلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشىدە تۈركىيە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە كۆرىدىغان ھېچقانداق ياخشى چۈش يوق» دېدى.

2002 – يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، دۆلەتنى بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە چەت ئەللىك ۋە تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلار دۆلەتكە يۈك بولماستىن كۆپلىگەن مەبلەغلەرنى سالالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنى بىز قىسقىچە، <پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش> دەپ ئاتايمىز.»

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۇدا 35 يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تېررور بىزنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىمىز ئالدىدا چوقۇم كۇكۇم – تالقان بولۇپ كېتىدۇ.»

17 – ئاپرېلدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، % 10 لىك سايلام چەكلىمىسىنى بىكار قىلىنىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، چۈنكى مۇقىملىق ئۈچۈن بۇنداق چەكلىمىنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇردۇق»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان TRT FM ، Kral FM ۋە بىر قىسىم يەرلىك رادىيولارنىڭ ئورتاق پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەمدە ياۋروپانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ،  16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ھەر بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ بۇ رېفېراندۇمنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر جەھەتتىن داۋاملىق زەھەرخەندىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سايلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشىدە تۈركىيە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە كۆرىدىغان ھېچقانداق ياخشى چۈش يوق» دېدى.

2002 – يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، دۆلەتنى بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە چەت ئەللىك ۋە تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلار دۆلەتكە يۈك بولماستىن كۆپلىگەن مەبلەغلەرنى سالالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنى بىز قىسقىچە، <پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش> دەپ ئاتايمىز.»

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۇدا 35 يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تېررور بىزنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىمىز ئالدىدا چوقۇم كۇكۇم – تالقان بولۇپ كېتىدۇ.»

17 – ئاپرېلدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، % 10 لىك سايلام چەكلىمىسىنى بىكار قىلىنىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، چۈنكى مۇقىملىق ئۈچۈن بۇنداق چەكلىمىنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر