سۈرىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىززىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى

سۈرىيەدە بىر تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بىگۇناھ پۇقرالار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خىمىيەلىك بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

710081
سۈرىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىززىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە مەسلىسى ھەققىدە دېپلوماتىك تېلېفون ئۇچرىشىشلىرىدا بولماقتا.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا سۈرىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى. 

سۈرىيەدە مەسىلىلەر كۆپ تەرەپلىمىك چېگىش ھالغا كېلىپ قالدى.

سۈرىيەدە بىر تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بىگۇناھ پۇقرالار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خىمىيەلىك بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

بۇ قېتىم ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خان شەيخۇندا ئېلىپ بارغان خىمىيەلىك بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر - بىرىگە قارشى روبىرو ھالەتكە ئۆتىشىگە سەۋەپ بولدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقنىڭ كۈنتەرتىپىدىمۇ سۈرىيەنىڭ جىدىي ۋەزىيىتى بار ئىدى.

فىكرى ئىشىق 13 – ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىلىق مەنسەپدىشى جامېس ماتتىس بىلەن ۋاشىنگىتوندا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغان بولدى. ئۇچرىشىشتا راككانىڭ دائېشتىن تازىلىنىشى ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر