مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رېكس تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، بەششار ئەسەدنىڭ ئاقىۋىتى ئاساس قىلىنغان ھالدا سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

709574
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رېكس تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتىن باشقا يەنە، بەششار ئەسەدنىڭ ئاقىۋىتى ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى قاتارلىق ئاساسىي تېمىلار بويىچە سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر