«ياشلارغا پارلامېنتقا كىرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 16 – ئاپرېل رېفېراندۇمى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغان يېڭى قانۇندا ياشلارنىڭمۇ پارلامېنتقا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

706876
«ياشلارغا پارلامېنتقا كىرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئىستانبۇل خەلىج يىغىن زالىدا ياشلار بىلەن ئۇچراشتى.

يىغىن جەريانىدا  ئالبايراق ياشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى « facetime» پىروگراممىسى ئارقىلىق ياشلار بىلەن كۆرۈشتۈردى.

ئەردوغان يىغىن زالىدىكىلەرگە خىتاب قىلدى ھەمدە ھېچبولمىغاندا تېلېفون ئارقىلىق بولسىمۇ ياشلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى، 16 - ئاپرېل رېفېراندۇمى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغان يېڭى قانۇندا ياشلارنىڭمۇ پارلامېنتقا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ياشلىرىمىز داۋاملىق چەتكە قېقىلىپ كەلدى، ئىشىنىمەنكى، 16 – ئاپرېل رېفېراندۇمى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ. يەنە شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، 18، 19، 20، 21 ياشلاردىكى قانچە ئون مىڭلىغان تالانتلىق ياشلىرىمىز بار. سىلەر پارلامېنتتا ياشلارنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭلارنى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر