تۈركىيە ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ھاققارىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ باردى.
704831
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ ئاۋاشىن – باسيان رايونى ۋە ھاققارىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرى، جۈملىدىن قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە پاناھ جايلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.