تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

703306
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ئاھالىلەر رايونلىرىنى تەسىس قىلىش قارارى ۋە ھەر خىل  قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشىنى ئەيىبلەپ، «ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ پەرۋاسىزلارچە دەپسەندە قىلىنىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان پەلەستىن زېمىنلىرىدا يېڭى بىر قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونى قۇرۇش قارارىنى ۋە بۇنىڭغا قوشۇمچە ھەر خىل قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى 2 مىڭ يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىنى ئەيىبلەيمىز. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىنسانىي قانۇننى تايانچ قىلىدىغان ھەقلىرىنىڭ بۇنداق پەرۋاسىزلارچە دەپسەندە قىلىنىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونلىرىغا 2 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى تۇرالغۇ سېلىشقا ئالاقىدار قارارنى ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر