دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى توغرىسىدا تەۋسىيەدە بولمىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، 19 – ئاپرېلدا مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەت توغرىسىدا تەۋسىيەدە بولمىدى.

701959
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى توغرىسىدا تەۋسىيەدە بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، 19 – ئاپرېلدا مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەت توغرىسىدا تەۋسىيەدە بولمىدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئۆكتەبىر ۋە يانۋار ئايلىرىدا ئۇزارتىلغانىدى.

بۈگۈنكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باياناتىدا، «(يىغىندا) يېقىنقى كۈنلەردە تۈرك سىياسەتچى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىغا قارشى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر نامايان قىلغان خەلقئارا قانۇن – كۆرسەتمىلىرى ۋە دىپلوماتىك بەلگىلىمىلەرگە زىت پوزىتسىيە ۋە قىلمىشلار بىلەن بۇ دائىرىدىكى ئىسلامغا قارشى ئىرقچىلىق پائالىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. دۆلىتىمىزنىڭ جىسمانىي ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش يولىدا يولغا قويۇشقا بولىدىغان چارە – تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى تەھدىت ۋە ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتىشلىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ۋە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا خاتىرجەم ۋە بىخەتەر ھايات كەچۈرۈشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقى ئىپادىلەندى» دېيىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باياناتىنىڭ داۋامىدا، «سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن كۈرەش قىلىشتا، PKK/PYD-YPG تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ رايوندا خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەر مۇھىت يارىتىشقا ھەسسە قوشمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىدە يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم قەيت قىلىندى. رايوندىكى پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى پائال كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيە تەرىپىدىن تېررورچى، دەپ ئېلان قىلىنغان گۇرۇپپىلارغا ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ پۇل، قورال، ھەربىي ئەشيا ياردىمى قىلىشىنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيەتلىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بېلەت ساندۇقلىرى ۋە سايلام بىخەتەرلىكىگە دائىر مەسىلىلەرمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنى جەريانىدا بەس – مۇنازىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر