باش مىنىستىر يىلدىرىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

باش مىنىستىر يىلدىرىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسوننى قوبۇل قىلدى.

702351
باش مىنىستىر يىلدىرىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كاتتىبېشىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

مېھمان مىنىستىر كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىللىرسۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن، ھەمدە كۈندىلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

كېيىنچە چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تىللىرسۇننىڭ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر