ئەردوغان شىۋېيتسارىيەدىكى پ ك ك نىڭ يىغىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەمدىلىكتە شىۋېيتسارىيە بۇ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاپتىمىش، ۋاھالەنكى ھەممە ئىش شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بولدى» دېدى.

701097
ئەردوغان شىۋېيتسارىيەدىكى پ ك ك نىڭ يىغىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندە تېررورلۇق تەشكىتى پ ك ك قۇيرۇقچىلىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلغانلىقىغا ۋە ئاچقان لوزىنكىلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان سامسۇندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«15 – ئىيۇلدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ <F-16> ۋە قىرغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى بىلەنمۇ بىزنى يولىمىزدىن ئارقىمىزغا ياندۇرۇلمىدى. ئەمدىلىكتە بۇلارنىڭ يىرتىق لوزىنكىلىرى بىزنى يولىمىزدىن ياندۇرالامدىكەن؟! سىلەرنىڭ بۇ ئەخلاقسىزلىقىڭلار ئارخىپىڭلاردا قارا بىر داغ بولۇپ قالىدۇ، خالاس. بىز بولساق تەھدىتلەرگە ۋاي ئاپلا! دەيدىغانلاردىن ئەمەس. ئەمدىلىكتە شىۋېيتسارىيە بۇ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاپتىمىش. ۋاھالەنكى ھەممە ئىش شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بولدى. ئۇلارنىڭ ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولدى. بۇ يىغىلىش ئالپ تاغلىرىنڭ چوقۇلىرىدا ئەمەس، شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنداق قۇرۇق گەپنى تاشلاڭلار ئەمدى. ئەگەر راستىنلا سەمىمىي بولساڭلار تېررورچىلارنى دەرھال قوغلاپ چىقىرىڭلار»
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر